 |
|
دىلمۇرات تەلئەت |
1985- يىلى 4- - ئاينىڭ 6 - كۈنى ئاتۇش شەھرىدە سەنئەتچى
ئائىسىدە تۇغۇلغان.1991- يىلىدىن 2002-يىلىغىچە باشلانغۇچ
ئوتتۇرا مەكتەپنى يۇرتىدا تاماملىغان.
ئۇ ئوتتۇرا مەكتەپتىكى چاغلىرىدىلا ناخشا ئوقۇشنى باشلىغان
بولۇپ ، مەكتەپ ۋە شەھەر دەرىجىلىك سەنئەت پائالىيەتلىرىگە كۆپ
قېتىم قاتنىشىپ ياخشى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرگەن.
دىلمۇرات 2002-يىلى شىنجاڭ ئۇنۋېرسىتىتى ئىقتىساد ۋە باشقۇرۇش
ئېنىستىتوتى سودا - سانائەت باشقۇرۇش كەسپىگە قوبۇل قىلىنىپ شۇ
يىلى شىنجاڭ ئۇنۋېرسىتىتى ۋە شىنجاڭ تىلۋىزىيە ئىستانسىسى
بىرلىشىپ ئۇيۇشتۇرغان (مەشرەپ) پىروگىراممىسىدا ئاتۇش خەلق
ناخشىسى (ئۈچ پەدە) نى ئورۇنلاپ كەڭ خەلق ئاممىسى بىلەن ئىكران
يۈزىدە كۆرۈشكەن،يەنە شۇ ناخشىنى شىنجاڭ تېلۋىزىيە
ئىستانسىسىنىڭ تەكلىۋىگە ئاساسەن 2004- يىللىق نورۇز سەنئەت
كىچىلىكىدە ئۇرۇنلاپ يەنە بىر قېتىم خەلقنىڭ ياخشى باھاسىغا
ئىرىشكەن.
2005- يىلى مەكتىۋىدە ئۆتكۈزۈلگەن كارا ئوكېي مۇسابىقىسىدە 1-
دەرىجىگە ئىرىشكەن .
2006- يىلى شىنجاڭ تىلۋىزىيە ئىستانسىسى (تەلەي يۇلتۇزى)
پىروگىراممىسىدا ئۇدا ئىككى قېتىم تەلەي لوڭقىسىغا ئىرىشكەن.
2006- يىلى يەنە ئاپتۇنۇم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى بىلەن ئاتۇش
شەھىرىنىڭ ھەمكارلىقىدىكى ئاتۇش خەلق ناخشىللىرىنى توپلاش
خىزمىتىگە قاتنىشىپ ئاتۇش خەلق ناخشىسى (روزىلەم) نى
ئورۇنلىغان ھەم پىلاستىنكىغا بەرگەن.
2007-يىلى شىنجاڭ تىلۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ تەكلىۋى بىلەن (ناۋا)
پىروگىراممىسىدا ئاتۇش خەلق ناخشىسى (روزىلەم)نى ئورۇنلىغان.
2007- 7 -ئايدا ئوقۇشىنى پۇتتۈرگەن .
284 تور ئىشخانىسى دىلمۇراتنىڭ بۇندىن كىينكى ئىجادىيەت
ئىشلىرىغا ئۇتۇق تىلەيدۇ! |
| |
| |
|
بۇ قېتىم بىز دىلمۇراتنىڭ قىسقىچە
تەرجىمھالى بىلەن بىرگە ، ۋەكىل خارەكتىرلىك ئىجادىيىتى (سېغىنامسەن)
دىگەن ناخشىسىنى ھوزۇرۇڭلارغا سۇندۇق . |
|
 |
 |